|
ئىنتىزار تور بېكىتى 2005
-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنىwww.intizar.Cn خەلقئارالىق نام بىلەن تىزىمغا
ئالدۇرۇلۇپ دەسلەپكى قەدەمدە سىناق تەرىقىسىدە قۇرۇلغان بولۇپ قىسقىنى
ۋاقىت ئىچىدە تورداشلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ كەلدى ، تورداشلارنىڭ
ياقتۇرۇپ كۆرۈشى ۋە يىقىندىن قوللاپ بېرىشى ئاستىدا تىز تەرەققىي قىلىپ
ئاخبارات ، كۆڭۈل ئېچىش ،دوستلىشىش خاراكتىرىدىكى ئۇنۋېرسال تور بېكەت
ئايلىنىپ ئۇيغۇر توربەتچىلىكىدىكى باشلامچى توربېكەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ
قالدى . ئىنتىزار توربېكىتى سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ .بىز
سىلەربىلەن بىرلىكتە توربېكىتىمىزنى ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلدۇرۇپ
تورداشلارنىڭ Internet دۇنياسىدىكى ئەڭ ياخشى ئارامگاھى قىلىپ قۇرۇپ
چىقىمىز .
تور بېكىتىمىزنى قۇرۇشتىكى مەقسەت ئۇيغۇر تور ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش
،تورداشلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېىتىش، تور بېكىتىمىز ئۈزلۈكسىز تەرەققى
قىلدۇرۇپ ئۇيغۇر تورچىلىقىغا بەلگىلىك تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت.تور
بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى تورداشلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ ئەلۋەتتە.
بىزنى قوللىغان تور بېكىتىمىزنىڭ بارچەئىشتىراكچىلىرىغا ئالىي تەشەككۈر
بىلدۈرىمىز،بىزنى يېقىندىن قوللىشىنى ،قىممەتلىك پىكىرلەرنى بىرىشىنى ئۈمىد
قىلىمىز.سىلەرنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىڭلەر بىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى
تۈزۈتىشىمىزگە ئىلھام بەرگۈسى! |